قاتار – كۇۋەيت ھەربىي ھەمكارلىق سۆھبىتى

قاتار ھاۋا مۇداپىئەسى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ھەمەد مۇبارەك كۇۋەيت ھاۋا مۇداپىئەسى قىسىملىرى قوماندانى ئادىل ئەلى ئەلھافىز بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ باردى.

1038936
قاتار – كۇۋەيت ھەربىي ھەمكارلىق سۆھبىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (QNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇبارەك بىلەن ھافىز قاتارنىڭ پايتەختى دوھانا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئورتاق ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەردىن سىرت يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

قاتار بۇلتۇر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۇۋەيتتە ھەربىي  ئەلچىخانا ئاتتاشېسى ئاچقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر