مېركېل ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1039063
مېركېل ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىدلىب رايونىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېففېن سېيبېرت، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مېركېل بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى كۈندىلىك خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ۋە سودا مەسىلىلىرىنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ ئىدلىب رايونىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئورتاقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ۋە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى. مېركېل بىلەن ترامپ يەنە، ئۇكرائىنا ۋە غەربىي بالقان رايونى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر