فەيسبۇك بىرما ئارمىيەسىگە ئائىت سەھىپىلەرنى تاقىدى

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى فەيسبۇك بىرمىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە رولى بارلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرما ئارمىيەسىگە ئائىت بىر قىسىم سەھىپىلەرنى تاقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1039052
فەيسبۇك بىرما ئارمىيەسىگە ئائىت سەھىپىلەرنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەيسبۇك شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بىرما باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مىن ئاڭخېلاڭنىڭ شەخسىي سەھىپىسى، بىر ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي «‹Myawad› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ سەھىپىسى قاتارلىق 18 فەيسبوك ھېسابى ۋە 52 فەيسبۇك سەھىپىسى بىلەن بىر Instagram سەھىپىسى تاقالغان.

باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا بىرما مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، گېنېرال مىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدە رولىنىڭ بارلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، بىرما ئارمىيەسىنىڭ سەھىپىلىرىدىن باشقا ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە نەپرەتلىك ئۇچۇرلار ۋە يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان سەھىپىلەرنىڭمۇ تاقالغانلىقى، چۈنكى بۇ سەھىپىلەرنىڭ فەيسبۇكنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر