ب د ت، بىرما گېنېراللىرىنى ئىرقىي قىرغىنلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن زۇلۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىنمۇ دەلىللەندى.

1038467
ب د ت، بىرما گېنېراللىرىنى ئىرقىي قىرغىنلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ، بىرما ئارمىيەسى گېنېراللىرىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت  مۇپەتتىشلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئاراكان دوكلاتىدا، رايوندىكى مۇسۇلمانلار ئۇچرىغان زۇلۇمغا ئورۇن بېرىلدى؛ دوكلاتتا، بىرما ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مىن ئائۇڭ خلائىڭ ۋە كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

ب د ت ، بىرمانىڭ كاچىن ۋە شان ئۆلكىلىرىدە سادىر قىلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ، جاۋابكارلارنىڭ جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

رايوندا يېزا – قىشلاقلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلمان قەتل قىلىنغانىدى.

پەقەت ئۆتكەن يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان يۈز مىڭلارچە ئاراكانلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ھۇجۇملاردىن قېچىپ باڭلادېشقا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر