يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى
يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جازان شەھىرىگە ئېتىلغان بلاستىك باشقۇرۇلىدىغان بوبا ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەل ئىخبارىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەربىستان ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى خۇسىيلار تەرىپىدىن جازان شەھىرىگە قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلىغان.
خەۋەردە، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى. بۇنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان ئىككىنچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خۇسىيلارنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى جازان شەھىرىگە ئاتقان بلاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىمۇ ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلانغان ئىدى.
سەئۇدىي ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە 2015 – يىلى 26 – مارتتىن بۇيان يەمەندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن خۇسىيلار پات - پات سەئۇدى ئەربىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.