ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەگە ئالاھىدە ۋەكىل تەيىن قىلدى

يېڭى تەيىنلەنگەن ئالاھىدە ۋەكىللىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن بىرگە كېلەر ھەپتە شىمالىي كورېيەگە بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1036929
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەگە ئالاھىدە ۋەكىل تەيىن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو «Ford motor» شىركىتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇئاۋىن مەسئۇلى ستېۋ بېگۇننىڭ ترامپ تەرىپىدىن شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىللىك ۋەزىسىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مايك پومپېئو ستېۋ بېگۇن بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە سىياسىتى ئاساسىدا ستېۋ بېگۇننىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا پالاتاسىدا سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى گېئورگېي دابلىيو بۇشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپلەرگە مەسئۇل بولغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

مايك پومپېئو يەنە، كېلەر ھەپتە ستېۋ بېگۇن بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورېيەگە بارىدىغانلىقىنىمۇ جاكارلىدى.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەدىكى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جوسېف يۇن مارت ئېيىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر