مىسىردا ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆكتىچىلەر نازارەتكە ئېلىنماقتا

مىسىرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆكتىچىلىرىدىن ئىقتىسادشۇناس رائىد سەلامە ۋە ئاكادېمىك يەھيا ئەل قازاز نازارەتكە ئېلىندى.

1037139
مىسىردا ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆكتىچىلەر نازارەتكە ئېلىنماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادۋوكات خالىد ئەلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر شەخىسلەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئائىلىسىدىن مەلۇمات ئالغانلىقىنى، رائىد سەلامەنىڭ پايتەخت قاھىرەدىكى ئۆيىدىن ۋە يەھيا ئەل قازازنىڭ تەزىيە زىيارتىدە بۇلۇۋاتقان ئەل قۇسەير شەھىرىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۆكتىچى دېموكراتىك خەلق ھەرىكىتى پارتىيەسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بولسا، 2014يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئابدۇل فەتتاھ ئەسسىسىنىڭ رەقىبى بولغان ھامدىن سابباھنىڭ ئىقتىساد پىروگراممىسى مەسئۇلى رائىد سەلامەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئۆكتىچى شەخسلەرنى نازارەتكە ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ تولىمۇ ئەندىشە قىلارلىق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  

مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئادۋوكات خالىد ئەلى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆكتىچىلەردىن سابىق دېپلوماتىيە خادىمى مەسۇم مەرزۇقنىڭ قاھىرەدىكى ئۆيىدە نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر