پۇتىن مېركېل بىلەن پۇتىن كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىرپۇتىن پايتەخت بېرلىندا كۆرۈشتى.

1035012
پۇتىن مېركېل بىلەن پۇتىن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە زور پالاكەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئانگېلا مېركېل رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى پايتەخت بېرلىنغا يېقىن دۆلەت ئەربابلىرىنى كۈتۈۋېلىش سارىيىدا كۈتۈۋالدى.

كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن بايانات بەرگەن مېركېل، پۇتىن بىلەن سوچىدا كۆرۈشكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسلىتىپ ئۆتۈپ دۇنيادىكى ئېغىر كىرىزىسلەرگە چارە تېپىش ئۈچۈن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل سۈرىيەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسلەرنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرنىڭ پەقەت دىيالوگ ۋاستىسى ئارقىلىقلا مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

مېركېل گېرمانىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن مەلۇم دەرىجىدە مەسئۇل ئىكەنلىكلىرىنى، لېكىن رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ باشقا دۆلەتلەردىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ بۇرۇنراق دۆلىتىگە قايتىىپ كېتىشى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ئېيتىپ، سۈرىيەنى قايتىدىن بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گېرمانىيە بىلەن شىمالىي ئېقىم 2-تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسىدە ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى، شىمالىي ئېقىم 2- تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسىنىڭ پەقەتلا ئىقتىسادىي لايىھە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تەبىئىي گازنىڭ ئۇكرائىنا ئارقىلىق يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋىلادىمىر پۇتىن، بۇ جەرياندا ئىقتىسادىي چىقىملارنى تولۇقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر