ئىتالىيەدىكى كۆۋرۈك ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈنۈگۈن (14-ئاۋغۇست) ئىتالىيەنىڭ جەنوۋا شەھىرىدە A10 تاشيولىدىكى موراندى كۆۋرۈكىنىڭ بۆسۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 35 كە يەتتى.

1032711
ئىتالىيەدىكى كۆۋرۈك ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە بۆسۈلۈپ كەتكەن موراندى كۆۋرۈكى خارابىسى ئاستىدا قالغان تۆت كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەدە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا بىنانىڭ ئۈستىگە يىقىلغان كۆۋرۈكنىڭ خارابىلىقلىرى ئاستىدا قالغانلىقى، بەزى كىشىلەرنىڭ ۋەقەدىن كېيىن چىققان ئوت ئاپىتىدە ئىس-تۇماندىن زەھەرلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

13 كىشى ئېغىر يارىلانغان ۋەقەدە، 10 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە تاشيول مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆۋرۈكنىڭ قالغان قىسمىنى تەكشۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

كۆۋرۈكنىڭ تېخنىكىلىق خاتالىق سەۋەبىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن بولۇش مۇمكىنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا، ۋەقە يۈز بەرگەندە ياغقان يامغۇر ۋە چىققان شىددەتلىك بوراننىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆۋرۈك چاقماق چاققاندا بۆسۈلۈپ كەتكەن.

موراندى كۆۋرۈكى 1960-يىلى ياسالغان بولۇپ، 2016-يىلى رېمونت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر