ئامېرىكادا ئىككى مۇسۇلمان ئايال كونگرەنىڭ نامزاتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

ئامېرىكادا ئەسلى سومالىلىق ئىشتاتلىق پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر دېموكرات پارتىيەنىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ نامزاتلىق سايلىمىدا، پەلەستىنلىك راشىدە تلايىب دېموكراتلارنىڭ كېڭەش پالاتاسى نامزاتلىق سسايلىمىدا غەلىبە قىلدى.

1033007
ئامېرىكادا ئىككى مۇسۇلمان ئايال كونگرەنىڭ نامزاتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلخان ئۆمەر نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كونگرە سايلاملىرىدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن دېموكراتلارنىڭ نامزاتى بولىدۇ.  ئۇ سايلامدا ئىشتاتلىق پارلامېنت باشلىقى ئاندېرسون كېللىخېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك نامزاتلار ئارىسىدىن ئۇتۇپ چىقتى. ئۇ سايلام غەلىبىسىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن بۇ يەردە غەلىبىمىزنى تەبرىكلەۋاتىمىز، چۈنكى يۇرتداشلىرىمىزنى پائالىيىتىمىزگە قاتناشتۇردۇق ۋە غەلىبە قىلدۇق. سايلام قوشۇنىمىز، پىدائىيلىرىمىز ۋە 5-كونگرە رايونىنىڭ سايلاملىرى، بىزگە ھەر كۈنى تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر بولغان بىر جەمئىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كۈچى ئاتا قىلدى» دېدى.

ئىلخان ئۆمەرنىڭ كۈچلۈك لىبېرال-دېموكرات سايلىغۇچىلار كۆپ بولغان رايوندا غەلىبە قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. 36 ياشلىق ياش سىياسەتچى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئەھۋالدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان تۇنجى سومالىلىق مۇسۇلمان بولۇپ قالىدۇ.

2016-يىلى مىننېسوتا ئىشتاتىدا دېموكرات دېھقان-ئىشچى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولۇپ، ئىشتاتلىق ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىلخان ئۆمەر، ئامېرىكادا ئىشتاتلىق پارلامېنت ئەزاسى بولغان سومالىلىق مۇسۇلمان ۋە ياغلىق چېگىدىغان ئايال بولۇپ قالغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە مىشىگان ئىشتاتىدىكى دېموكراتلارنىڭ كېڭەش پالاتاسى نامزاتلىق سايلىمىدا، 41 ياشلىق ئەسلى پەلەستىنلىك راشىدە تلايىب بىرىنچى بولغان ئىدى.

ئىلخان ئۆمەر بىلەن راشىدە تلايىب سايلاملاردا غەلىبە قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكادا كونگرەنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان تۇنجى مۇسۇلمان ئاياللار دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر