مايك پومپېيو تەخت ۋارىسى سالمان بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى بىن سالمان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەشتى.

1031800
مايك پومپېيو تەخت ۋارىسى سالمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت مىنىستىر پومپېيونىڭ بىن سالمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى مۇنداق دېدى: «مىنىستىر پومپېيو تەخت ۋارىسىغا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى قوللىغانلىقى، ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، گېنېراتورلارغا مازوت ۋە تۇزلۇق سۇ ئېرىغداش كېمىلىرى ئەۋەتىپ ئىراقتىكى سۇ ۋە توك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.»

باياناتچى ھېتېر ناۋۇرت تاشقى ئىشلار مىنىستىر پومپېيو بىلەن تەخت ۋارىسى بىن سالماننىڭ ئافغانىستاندا قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش مەسلىسىنىمۇ كېڭەش قىلغاندىن سىرت، يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر