مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى

مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مىسىرنى نۆۋەتتىكى قاراڭغۇ تونېلدىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى بىر تىرىشچانلىقتا بولدى.

1032045
مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رابىيە ۋە نەھدا مەيدانلىرىدىكى نامايىشلارنىڭ باستۇرۇلىشىنىڭ 5خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «مەملىكەتلىك دىيالوگ چاقىرىقى» ناملىق 10 ماددىلىق بىر ھەرىكەت پىلانى خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمبەھىرلىشىلدى.

بۇ ھەرىكەت پىلانىنىڭ مىسىرنى قاراڭغۇ تونېلدىن يورۇقلۇققا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىلىرى ئارىسىدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مەملىكەتلىك بىر تەشكىلات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى، ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن تىنچلىقپەرۋەر ھاكىمىيەت ئېڭىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلىشى، خەلقنى قانۇنلۇق سالاھىيەتنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى دەپ قوبۇل قىلىش، قۇتۇبلىشىشقا قارشى تۇرۇش، قۇربان بولغۇچىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ ھازىرمۇ ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلەش، ئاغدۇرىۋېتىلگەن پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ مەملىكەتلىك گۇرۇپپىلار تەستىقلايدىغان بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بېشىغا كېلىشى ۋە ھېچ بىر گۇرۇپپا چەتكە قېقىلمايدىغان، ئوچۇق يورۇق سايلام ئۆتكۈزۈلىشى... قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.

باياناتتا يەنە، مەملىكەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر مەملىكەتلىك دىيالوگ بەرپا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىندى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىغا دائىر مىسىر مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

مىىسىرنىڭ تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىردىن بىر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى 2013يىلىدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن بۇيان چەت ئەللىك ۋە مەملىكەتلىك مەسئۇللارنىڭ مەملىكەتتە يۈز بەرگەن سىياسىي كىرىزىسنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەن ئىدى.

مىسىر ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى 2013يىلى 14ئاۋغۇست كۈنىدە، دېموكراتىيەنى قوللىغۇچلار تەرىپىدىن لىق تولدۇرۇلغان رابىيە ۋە نەھدا مەيدانلىرىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلغان ئىدى.

بۇ مۇداخىلىدە يۈزلىگەن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، مىڭىلغان كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر