ئامېرىكا بىلەن كانادا ئارىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كېلىپ چىقتى

ئامېرىكا بىلەن كانادا ماكچىياس سېئىل ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشماقتا.

1031220
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئارىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا  دېڭىز چېگراسى چارلاش ئەترىتى ئامېرىكا بىلەن كانادا ئارىسىدىكى ماكچىياس سېئىل ئارىلى ئەتراپىدا قىسقۇچپاقا تۇتقان كانادالىق بېلىقچىلارنى سوراققا تارتتى.

كانادانىڭ نوۋا سىكوتىيا ئىشاتىغا قاراشلىق گىرەند مەنەن ئارىلىدىكى بېلىقچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لاۋرېنس كوك، بۇ يىل ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن بېرى كاتېرلار بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز چېگراسى چارلاش ئەترەتلىرىنىڭ كانادالىق بېلىقچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ سوراققا تارتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

كوك ھازىرغىچە ئەڭ ئاز 10 كانادا بېلىقچى كېمىسىنىڭ توسۇلۇپ بېلىقچىلارنىڭ بولسا سوراققا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دېڭىز چېگراسى چارلاش ئەترەتلىرىنىڭ كانادالىق بېلىقچىلاردىن زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توشۇپ- توشىمانلىقلىرى ياكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلىپ قىلمىغانلىقلىرى توغرىسىدا سوئاللار سورىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

ماكچىياس سېئىل ئارىلىدا ھەر خىل قۇشلار، قىسقۇچپاقىلار ۋە مول بېلىق تۈرلىرى بار بولۇپ، بۇ ئارال بېلىقچىلار، مۇھىتپەرۋەرلەر ۋە فوتو-سۈرەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا كانادا بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا كەسكىن ئىختىلاپ مەۋجۇت.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئارالدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: « ماكچىياس سېئىل ئارىلى ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كانادانىڭ ئىلكىدە، خەلقئارا قانۇندىمۇ بۇ مۇشۇنداق بېكىتىلگەن.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ماكچىياس سېئىل ئارىلىنىڭ 1783-يىلدىن بۇيان ئامېرىكىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئارال ئەتراپىدا كانادالىق بېلىقچىلارنىڭ بېلىق ۋە قسقۇچپاقا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر