ئىككى كورېيەنىڭ پىرېزىدېنتلىرى سېنتەبىردە يەنە كۆرۈشىدۇ

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بۇ يىل سېنتەبىردە پايتەخت پىيوڭياڭدا كۆرۈشىدىغان بولدى.

1031065
ئىككى كورېيەنىڭ پىرېزىدېنتلىرى سېنتەبىردە يەنە كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پىيوڭياڭدا كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۈگۈن چېگراغا جايلاشقان پانمۇنجوم ئوق چىقىرىشنى توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پىيوڭياڭدا بۇ يىل سېنتەبىردە ئىككى كورېيەنىڭ پىرېزىدېنتلىرى كۆرۈشىدىغان بولدى.»

باياناتتا يەنە ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ يىل ئاپرېلدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان  قىلىنغان خىتابنامىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «پانمۇنجوم خىتابنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتۇق، بىز بۇ خىتابنامىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشتۇق.»

ئىككى كورېيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ قايسى كۈنى كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن، بۇ يىل 27-ئاپرېلدا ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشكەنىدى.

ئىككى پىرېزىدېنت كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئېلان  قىلىنغان خىتابنامىدا، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تولۇق تازىلىنىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئەھدىنامىسىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەنىدى.

مون بىلەن كىم ئاپرېلدا كۆرۈشكەندىن كېيىن 26-مايدىمۇ قايتا كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر