غەزنەدە ھۆكۈمەت قىسمى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئېتىشىشلار داۋام قىلماقتا

ئافغانىستاننىڭ غەزنە شەھىرى مەركىزىدە ئۈچ كۈن ئىلگىرى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلغان تالىبان ئەزالىرى بىلەن خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئېتىشىشلار داۋاملاشماقتا.

1031138
غەزنەدە ھۆكۈمەت قىسمى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئېتىشىشلار داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى شەرىف يەفتالى غەزنەگە ھۇجۇم قىلغان تالىبان ئەزالىرىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى، شەھەرنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئېتىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 ئۇ تالىبان ئەزالىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە مۆكۈنۈۋالغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىنتايىن دىققەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەھەرنى تالىباندىن تازىلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

غەزنە ۋىلايەتلىك شۇرانىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامانۇللاھ كامۇرانى تالىباننىڭ شەھەر مەركىزىدىكى نۇرغۇن جايلارنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

غەزنە ۋىلايەتلىك شۇرانىڭ ئەزاسى ناسىر ئەھمەت فاكىرى ئېتىشىشلاردا تەخمىنەن 30 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەزنە دوختۇرخانىسىنىڭ باياناتىدا، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا كارۋات قالمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىت غەزنە شەھەر مەركىزىنىڭ %70 نى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ئونلارچە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر