دۇنيا سودا تەشكىلاتى ترامپنىڭ قارارلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجى قارارلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1030888
دۇنيا سودا تەشكىلاتى ترامپنىڭ قارارلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجى توغرۇلۇق چىقارغان قارارلىرىغا سودا-سانائەتچىلەردىن باشقا دۇنيا سودا تەشكىلاتىمۇ بىئارام بولماقتا.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بۇ قارارلارنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى دونالد ترامپ توغرىسىدا قارار چىقارسا ئامېرىكىنىڭ تەشكىلاتتىن ئايرىلىپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.  

خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق قارار چىقىرىلغان تەقدىردە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلەر ئۈستىدىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئەھۋال بۇ دۆلەتلەرنى دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداشقا يۈزلەندۈرىدىكەن.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى باش مۇدىرى روبېتو ئازېۋېدو، بۇ مەسىلە توغرۇلۇق چىقىرىلىدىغان ھەر قانداق قارارنىڭ چوقۇم بىر تەرەپنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى سودا ساھەسىدە ئامېرىكىغا ئىزچىل تەڭسىز مۇئامىلە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىغا سىرتتىن كېلىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىن بولۇپ نۇرغۇن مەھسۇلاتتىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ بۇ قارارىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئەھۋالنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا يەتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر