ئىسپانىيە بىلەن گېرمانىيە كۆچ مەسىلىسىدە كېلىشتى

گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە كۆچ دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇش بەزى مەسىلىلەردە كېلىشتى.

1030573
ئىسپانىيە بىلەن گېرمانىيە كۆچ مەسىلىسىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە بىلەن گېرمانىيە كۆچ ھادىسىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ماراكەش بولۇپ بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ياردەم قىلىش ۋە فوندلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش مەسىلىلىرىدە كېلىشتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز بىلەن ئىسپانىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان كادىز رايونىدىكى گۇزمەنېس سارىيىدا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە كۆچ سىياسىتى، مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كېڭەش قىلىندى.

ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن بىرى كۆچ مەسىلىسى بولدى.

ئىسپانىيە بىلەن گېرمانىيە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

سانچېز ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا كونترول خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ، بۇ دۆلەتكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مېركېل: گېرمانىيە زېممىسىگە چۈشكەننى ئادا  قىلىدۇ، ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز، دېدى.

فوندىلار ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ماراكەشكە 180 مىليون ياۋرو فوند ئاجرىتىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر