«مۇقەددەس ماكانلار سىياسىي شوئارلار توۋلىنىپ مەزھەپ توقۇنۇشى قىلىدىغان جايلار ئەمەس»

كەبە ئىمامى شەيخ دوكتور ئابدۇراھمان ئەس-سۇدەيس، مۇقەددەس ماكانلارنىڭ سىياسىي شوئارلار توۋلىنىپ مەزھەپ توقۇنۇشى قىلىدىغان يەرلەر ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1030745
«مۇقەددەس ماكانلار سىياسىي شوئارلار توۋلىنىپ مەزھەپ توقۇنۇشى قىلىدىغان جايلار ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسجىدى ھەرەم ۋە مەسجىدى نەۋەبى ئىشلىرى باشلىقى  ۋە كەبە ئىمامى شەيخ دوكتور ئابدۇراھمان ئەس-سۇدەيس، مۇقەددەس ماكانلارنىڭ سىياسىي شوئارلار ۋە مەزھەپ توقۇنۇش يەرلىرى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ھەج پەسلى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش دائىرىسىدە مەككىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان تاراتقۇ خادىملىرى ئۈچۈن بېرىلگەن باياناتتا، كەبە ئىمامى ۋە خاتىبى شەيخ سۇدەيس ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ھەج پەسلى توغرىسىدا توختالدى.

ھەج ئىبادىتىنىڭ بۇ يىل 19-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان سۇدەيس، بۇ مەزگىلدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا 3 مىليون 500 مىڭ ھاجى نامزاتىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇقەددەس ماكانلارنىڭ ئىبادەت مەقسىتى بىلەن جەم بولىدىغان جايلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەتىپ ئۆتكەن كەبە ئىمامى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مۇقەددەس ماكانلار ئىبادەت قىلىدىغان جايلار بولۇپ، قانداقتۇر سىياسىي شوئارلار توۋلىنىپ مەزھەپ توقۇنۇشلىرى قىلىدىغان جايلار ئەمەس.»

سۇدەيس سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇنيادىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋتقانلىقىنى تەكىتلەپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئورنىتىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

«ئىسلام مەرھەمەت، كىچىك پىئىللىق، كەڭ قوساقلىق، بىرلىكتە ياشاش ۋە ئوتتۇرا يولنى تەشەببۇس قىلىدۇ»دېگەن كەبە ئىمامى سۇدەيس، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ ئىسلام بىلەن ئوخشاش پىرىنسپىلارنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەج پەسلىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان سۇدەيىس: 20-ئاۋغۇستتا بېرىلىدىغان ئاراپات خۇتبىسى 5 تىلدا نەق مەيداندا رادىيو ئارقىلىق ھاجىلار ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىلىدۇ، دېدى.

كەبە ئىمامى سەئۇدى ئەرەبىستان  يولغا قويغان لايىھە دائىرىسىدە مۇقەددەس ماكانلارغا كەلگەنلەرگە « FM» قانىلى ئارقىلىق رادىيو بىلەن پارسچە، ئوردۇچە، ھىندونېزىيەچە، فىرانسۇزچە ۋە ئىنگىلىزچە بولۇپ بەش تىلدا ئاراپات خۇتبىسىنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر