چىلىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا نامزات كۆرسىتىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا چىلىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مىچېللې باچېلېت نامزات كۆرسىتىلدى.

1028904
چىلىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا نامزات كۆرسىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت دىكى دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە باچېلېتنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن.

ب د ت باش كاتىپ تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن بۇ ۋەزىپىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن كىشى، 193 ئەزالىق ب د ت  ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

چىلىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باچېلېت، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلاشتۇرىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زىياد رەئىد ئەلھۇسەيىندىن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

بالىلار كېسەللىكى دوختۇرلۇقىدىن سىياسەت سەھنىسىگە قەدەم قويغان باچېلېت، 2006 – 2010 ۋە 2014 –2018 – يىللىرى ئارىسىدا ئىككى قېتىم چىلى پىرېزىدېنتى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا قايتا نامزات بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان ئىيوردانىيە شاھزادىسى زەيد بولسا، «ئوچۇق سۆزلۈك» بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەتتا ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى بىئارام قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى «ئىنسانىيەتنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىش»؛ ۋىنگېرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننى «ئىرقچى» ؛ فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتېنىڭ «پىسخىكىلىق دىياگنوزغا موھتاج» دېگەنگە ئوخشاش كۆپ ساندا ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنى ئەيىبلىگەن زەيد، ئۆزىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدىغان كىشىنىڭ «ئوچۇق سۆزلۈك» بولۇشى ۋە «ئەيىبلەشلەردىن قورقماسلىقى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر