رۇسىيە گىرېتسىيەگە نوتا بەردى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى گىرېتسىيە دائىرلىرىنىڭ رۇس دىپلوماتلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك گىرېتسىيەگە نوتا بەردى.

1027018
رۇسىيە گىرېتسىيەگە نوتا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گىرېتسىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئاندرېس فىرىگاناسغا، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇس دىپلوماتلارغا تۇتقان بىنورمال پوزىتسىيەسى تۈپەيلى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر توغرىسىدا نوتا بەردى.

ئەلچى ئاندرېس فىرىگاناسنى مىنىستىرلىققا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئافېنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئاي رۇس دىپلوماتلىرى ۋە پۇقرالىرىغا تۇتقان بىنورمال پوزىتسىيەسىگە قارىتا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر توغرۇلۇق نوتا بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاي رۇسىيەلىك 2 دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغاندىن سىرت، 2 رۇسىيە پۇقراسىنىمۇ چېگرادىن كىرگۈزمىگەنىدى.

بۇ كىشىلەرنىڭ گىرېتسىيە ئەمەلدارلىرىغا پارا بەرمەكچى بولغانلىقلىرى ۋە ماكېدونىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغان كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق  قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقلىرى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنى رەت قىلغان موسكۋا ھۆكۈمىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگې لاۋروۋنىڭ سېنتەبىردە گىرېتسىيەنى زىيارەت قىلىش پىلانىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر