ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

ھىندونېزىيەدە يەكشەنبە (5-ئاۋغۇست) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 98 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1027237
ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە دۆلەتلىك تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو پۇرۋو نۇگروھو دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى لومبوك ئارىلىدا يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر سانىنىڭ 98 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەر تەۋرەشتە 236 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەر تەۋرەش كۈچلۈك بولغان ۋە دۆلەتنىڭ ساياھەت رايونلىرى بولغان لومبوك ۋە بالى ئاراللىرىدىكى يارىلانغان ھەمدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھىندونېزىيەلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مەسئۇل ئەمەلدارلار بەزى يول ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن قاتناشنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، تۈنۈگۈن (6-ئاۋغۇست) دىن بۇيان رايوندا 200 قېتىمدىن ئارتۇق قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە، كىلىمات ۋە گېئوفىزىك ئىدارىسى تۈنۈگۈن (6-ئاۋغۇست) مەركىزىي نۇقتىسى لومبوكنىڭ شەرقىي شىمالىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە 15 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن 7 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېلان قىلغان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئوخشاش رايوندا يۈز بەرگەن 6.4 بال يەر تەۋرەشتە 16 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر