بورىس جونسوننىڭ چايشاپلىق ئاياللارنى «پوچتا قۇتۇسى»غا ئوخشىتىشى نارازىلىق قوزغىدى

ئەنگلىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭ چايشاپلىق ئاياللارنى پوچتا قۇتۇسىغا ئوخشىتىپ يازغان ماقالىسى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.

1027173
بورىس جونسوننىڭ چايشاپلىق ئاياللارنى «پوچتا قۇتۇسى»غا ئوخشىتىشى نارازىلىق قوزغىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون چايشاپلىق ئاياللارنى «پوچتا قۇتۇسى»غا ۋە رادىكال ئوڭچىلارنى بولسا، «قايماق»قا ئوخشىتىپ تەنقىد قىلدى.

جونسون دانىيەدە يولغا قويۇلغان چايشاپ تاقاشنى مەنئىي قىلىش قانۇنى ھەققىدە ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Daily Telegraph» گېزىتىدا ماقالا ئېلان قىلدى. ماقالىسىدا چايشاپلىق ئاياللارنى بانكا بۇلاڭچىلىرىغا ئوخشاتتى.

چايشاپلىق ئاياللارغا قارىتا «تولىمۇ كۈلكىلىك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن جونسون، بۇ ئاياللارنىڭ ئىسيانكار بالاغەتكە يەتكەنلەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون ئۆزىنىڭ بېلەت تاشلىغۇچىلىرىدىن يۈزىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنگلىيەدە مەكتەپلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار، شىركەتلەر ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلاردىن شۇنداق تەلەپتە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

جونسون ماقالىسىدا چايشاپلىق ئاياللارنى «پوچتا قۇتۇسى»غا ئوخشاتتى.

جونسوننىڭ ماقالىسىدا دانىيەنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلىرىدا چايشاپ تاقاشقا يول قويۇلىشىنى تەنقىد قىلىپ ئىشلەتكەن ئوخشىتىشلار ئەنگلىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. 

ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىكىنىڭ 10نۇمۇرلۇق ئىشخانىسى بۇ ھەقتە خەلققە مەخسۇس ئېنىقلىما ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئاياللارنىڭ يۈزىگە چايشاپ تاقىشىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى قوللىمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل پوزىتسىيە ئەنگىليەنىڭ دىنىي مۆتىدىللىق ۋە جىنىسىي باراۋەرلىك قاراشلىرىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئىشچىلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى داۋىد لاممىيمۇ جونسوننىڭ ئوخشىتىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «كوچىلاردا لۈكچەكلەر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى زورلاپ ئېچىۋىتىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماقتا. بورىس جونسون بولسا، مۇسۇلمان ئاياللارنى <پوچتا قۇتۇسى> دەپ مەسخىرە قىلماقتا» دېدى. 

داۋىد لاممىي يەنە، جونسونغا قارىتا «ئەرزان باھالىق ترامپ» دېگەن تەرىپنى ئىشلىتىپ، سابىق مىنىستىرنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ھەرىكىتىنى كۈشكۈرتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى سىتېللا كرېسىيمۇ ئەسلىدە جونسوننىڭ ئۆزىنى رادىكال ئوڭچىلارغا يېقىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك رىقابىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىرىتانىيە مۇسۇلمانلار كېڭىشى مۇئاۋىن باش كاتىبى مىقداد ۋەرسى تېۋىتتىردىكى ھېسابى ئارقىلىق بورىس جونسونغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سابىق مىنىستىرنىڭ رادىكال ئوڭچىلار تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەدىكى نەپرەت جىنايەتلىرىنى كۈزىتىدىغان ۋە دۆلەتنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن «Tell Mama» ئورگىنىمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، جونسۇننى تەنقىد قىلىپ، «بۇنداق داۋاملىشىشقا بولمايدۇ. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىمۇ بۇ ئىزاشلىمىلاردىن كېيىن ئىشلار بۇ شەكىلدە داۋاملىشالمايدۇ. بولۇپمۇ چايشاپلىق ئاياللارغا ھۇجۇم قىلىش نىسبىتى ئېشىپ كەتكەن 2018يىلىدا، جونسوننىڭ بۇ سۆزلىرنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئەنگلىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون ئەسلىدە، ئوسمانلى ئېمپىرىيەسىنىڭ كۈيئوغۇل فەرىت پاشا ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ۋەزىر بولغان ئەلى كامال بەينىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇ 2008يىلىدىن 2016يىلىغىچە پايتەخت لوندوندا شەھەر باشلىقى بولغان ئىدى.

جونسون تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى 2 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئالدىنقى ئاي ۋەزىپىسدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.

دانىيەدە ئالدىنقى ھەپتە يولغا قويۇلغان چايشاپ تاقاشنى چەكلەش قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا بۇرقا ۋە چايشاپ تاقاش مەنئىي قىلىنغاندىن باشقا يەنە، ماسكا تاقاشمۇ مەنئىي قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر