غەززە سەپىرى باشلاندى

غەززە قورشاۋىنى بۆسۈش مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەركىنلىك پاراخوتى غەززە پورتىدىن ئاقدېڭىزغا قاراپ 3-قېتىملىق سەپىرىنى باشلىدى.

1026762
غەززە سەپىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3-ئەركىنلىك پاراخوتى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى بۇزۇش مەقسىتىدە غەززە پورتىدىن ئاقدېڭىزغا قاراپ قوزغالدى.

غەززە قورشاۋىنى بۆسۈش مىللىي ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى بەششام ئەل ماناسىرا غەززە پورتىدا: «ئەركىنلىك پاراخوتىنىڭ ئۈچىنچى سەپىرىنى بۈگۈن (6-ئاۋغۇست) باشلىغانلىقىنى جاكارلايمىز» دېدى.

ئۇ پاراخوت سەپىرىنىڭ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززە ساھىللىرىدىكى رايونلۇق دېڭىز تەۋەلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق-ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«غەززەنى دۇنياغا باغلاپ تۇرىدىغان پورتنىڭ قۇرۇلۇشى خەلقئارالىق قانۇننىڭ كاپالىتى ئاستىدا» دېدى.

ئۇ قانات يايدۇرۇلغان پائالىيەتلەرنىڭ سىيونىزم تېررورلۇقىغا قارشى تىنچلىق خاراكتېرلىك دېڭىز نامايىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتىدە غەززەنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان غەززە قورشاۋىنى بۆسۈش ھەرىكىتى مىللىي ھەرىكىتى، بۇ يىل ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم دېڭىز سەپىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

بۇنىڭ بىرىنچىسى 2018-يىل 29-ماي، ئىككىنچىسى 10-ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى ئىسىرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە نۇرغۇن قېتىملىق غەززە قورشاۋىنى بۆسۈشنى مەقسەت قىلغان دېڭىز سەپەرلىرىنى قانلىق ھۇجۇملار بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.

غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر 2006-يىلدىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋىدا ئىنتايىن قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ھايات-ماماتلىق كۈرىشى قىلماقتا.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر