پاكىستاندا قىزلار مەكتەپلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا قىزلار  مەكتەپلىرىدىن 12 سى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1025470
پاكىستاندا قىزلار مەكتەپلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
pakistan kiz ogrenci.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ساقچى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى گىتگىل بالتىستاننىڭ چىلاس ۋە دىئامەر رايونىدا تۈنۈگۈن نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر قىزلار مەكتەپلىرىدىن 12 سىگە ھۇجۇم قىلغان. مەكتەپ بىنالىرى ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا زىيان يەتكۈزگەن زوراۋانلار بەزى مەكتەپلەرگە ئوت قويۇپ بەرگەن. ئىككى مەكتەپتە كىچىك تىپتىكى پارتلاشلار يۈز بەرگەن.

گىلگىت بالتىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەكتەپلەرنىڭ بەزىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ياكى رېمونت ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان  بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدىكەن، ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن ھالدا ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى باشلىنىدىكەن.

دۆلەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلىش ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ئەڭ تۆۋەن بولغان شىمالىي رايونلىرىدا قىزلار مەكتەپلىرى پات - پات ھۇجۇمغا ئۇچرايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، گىلگىت بالتىستان ۋە غەربىي شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 1500 مەكتەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر