ئەھمەدى نېجاد ترامپنى يېشىل كارتلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىم ۋە ھېساباتلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى

ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئەھمەدى نېجاد، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان «يېشىل كارت» لىق ئىران ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسىم ۋە بانكا ھېساباتلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

1024548
ئەھمەدى نېجاد ترامپنى يېشىل كارتلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىم ۋە ھېساباتلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەدى نېجاد ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ھۆرمەتلىك ترامپ، ئىران ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ يېقىنلىرىدىن «يېشىل كارت» قا ئىگە بولغانلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئامېرىكىدىكى بانكا ھېساباتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىڭ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەھمۇد ئەھمەدى نېجاد بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئايەتۇللاھ سادىق لارىجانى باشچىلىقىدىكى ئەدلىيە ئەركى ئەمەلدارلىرىنى چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، ئارقىدىنلا ئىران تاراتقۇلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يېقىن بەزى كىشىلەرنىڭ چەت ئەلگە دوللار قاچۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىران ھۆكۈمىتىگە قارشى باياناتلارنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەھمەدى نېجادنىڭ پىرېزىدېنت بولغان چېغىدىكى ئىككى مۇئاۋىنى ھامىد باقايى بىلەن ئىسفەندىيار راھىم مەشائى چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماقتا ياتماقتا.

ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەھمەدى نېجاد ۋە ئۇنىڭغا يېقىن كىشىلەر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىجازەت تەلەپ قىلغانىدى.

ئەھمەدى نېجادنىڭ ئىجازەت ئىلتىماسىغا تېخى جاۋاب بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر