ئىسپانىيەدە بىر ئايروپىلاندا يانفۇن باتارىيەسى پارتلاپ كەتتى

قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن يولۇچىلار قورقۇنچتىن ئۆزلىرىنى سىرتقا ئېتىشقا تىرىشتى.

1024034
ئىسپانىيەدە بىر ئايروپىلاندا يانفۇن باتارىيەسى پارتلاپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ بەرسېلونا شەھىرىدە ئىرلاندىيە ھاۋا يولى شىركىتى «Ryanair» غا تەۋە ئايروپىلان قوزغىلىشتىن ئىلگىرى ئايروپىلان ئىچىدە يانفون باتارىيەسى پارتلاپ كەتتى.

قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن يولۇچىلار قورقۇنچتىن ئۆزلىرىنى سىرتقا ئېتىشقا تىرىشتى.

يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندىن چىقىشى ئۈچۈن بىرلا دەرۋازە ئېچىلغان بولغاچقا، چىقىش ئەسناسىدا قىستى قىستاڭچىلىق يۈز بەردى. 

ياۋروپا يوبىچە ئەڭ ئەرزان باھالىق ھاۋا يولى شىركىتى دەپمۇ بىلىنىغان «Ryanair» ھاۋا يولى شىركىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

يولۇچىلار ئايروپىلاندىكى كۈتكۈچىلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ۋە بارلىق دەرۋازىلارنى تاقاپ قويۇپ، بىرلا دەرۋازىنى ئاچقانلىقى سەۋەبىدىن قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

«Ryanair» ھاۋا يولى شىركىتى خادىملىرى خىزمەت شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىغانلىقى سەۋەبىدىن قېيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر