شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا يوللىغان 55 جەسەت ساندۇقىدىن ئاران بىرسىدە، ھەربىي كىملىك گىلاپكىسى چىقتى

ئامېرىكىلىق ئالاقىدار بىر مەسئۇل، يوللانغان باشقا ساندۇقلاردىن ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا يارىدىمى بولغۇدەك ھېچقانداق مەلۇمات چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1024124
شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا يوللىغان 55 جەسەت ساندۇقىدىن ئاران بىرسىدە، ھەربىي كىملىك گىلاپكىسى چىقتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1950ۋە 1953يىللىرىدىكى كورېيە ئۇرۇشى جەريانىدا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى بۇ قېتىم شامالىي كورېيە ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، جەسەت قالدۇقلىرى قاچىلانغان ساندۇقلاردىن ئاران بىرسىدە ھەربىي كىملىك گىلاپكىسى چىقتى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بىر مەسئۇل، شىمالىي كورىيە تەرىپىدىن ئالدىنقى ھەپتە قايتۇرۇپ بېرىلگەن ۋە كورېيە ئۇرىشىدا ئۆلگەن 55 نەپەر ئەسكەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ قالدۇقلىرى قاچىلانغان ساندۇقلاردىن ئاران بىرسىدە ھەربىي كىملىك گىلاپكىسى چىققانلىقىنى ۋە قالغان ساندۇقلاردا ئەسكەرلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا يارىدىمى بولغۇدەك ھېچقانداق مەلۇمات چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەركۈز ھەربىي گىلاپكا ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

كورېيە ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئەسكەر جەسەتلىرىنىڭ قالدۇقلىرى، كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ھاۋايدىكى بىر ھەربىي لابوراتورىيەدە تەكشۈرۈلىدىغان بولدى.

جەنۇبىي كورېيەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابىدا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئەسكەر جەسەتلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئالدىنقى ئايدا 1950ۋە 1953يىللىرىدىكى كورېيە ئۇرۇشى جەريانىدا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن شېمالىي كورېيەگە جەسەت ساندۇقى يوللاپ بەرگەن ئىدى.

كورېيە ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65يىلىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن، ئەينى چاغدىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ قالدۇقلىرى 27 - ئىيۇل كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ ۋونسان شەھىرىدىكى ھەربىي ئايرودورۇمدىن «C-17 Globemaster» تىپلىق ئامېرىكا ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى بىلەن جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكىغا تەۋە ئوسان ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر