يەمەن ئارمىيەسى ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە
يەمەن ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا يېقىن سەدا ناھىيەسىدە ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى بەزى رايونلارنى قولغا كىرگۈزدى.
1022963
![يەمەن ئارمىيەسى ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0e07/875e/7ad7/5b5ac2cc6fcb0.jpg?time=1719148158)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەدا ناھىيەسىگە قاراشلىق قىتاف ۋە ئەلبۇقا ناھىيەلىرىدە ھۇسىيلار بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن ۋادى ئەلخاراشىپى بىلەن ئەسسەۋائىلدىن ئەرراسىفات تاغلىرىغىچە بولغان رايونلار قولغا كىرگۈزۈلگەن.
يەمەن ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا قىتاف ۋا بۇقا ناھىيەلىرىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققان بولغان «ئەتتەير چوققىسى» نىمۇ قولغا كىرگۈزگەن.
تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، ھۇسىيلاردىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719148159)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.