نىگېرىيەدە بىر ئىمام 300 خىرىستىياننى قۇتقۇزۇۋالدى

نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەدۇ بۇخارى 300 خىرىستىياننى زوراۋنلاردىن قوغداپ قالغان بىر ئىمامغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

1023132
نىگېرىيەدە بىر ئىمام 300 خىرىستىياننى  قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەدۇ بۇخارى پىلاتۇ ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلار ئەسناسىدا تەخمىنەن 300 خىرىستىياننى قوغداپ قالغان ئىمامغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان پىلاتۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى سىمون لالوڭ، پىرېزىدېنت مۇھەممەدۇ بۇخارىنىڭ نىگھار يېزىسى ئىمامى 83 ياشلىق ئابدۇللاھى ئەبۇبەكىرنىڭ توقۇنۇشتىن قاچقان خىرىستىيانلارنى قوغداپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

لالوڭ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت بۇخارى خىرىستىيانلارنى زوراۋانلاردىن قوغداپ قالغان ئىمام بىلەن كۆرۈشىدۇ.»

ۋالىي لالوڭ ئىمام ئەبۇبەكىرنىڭ پىلاتۇ ئۆلكىسىدىلا ئەمەس پۈتكۈل نىگېرىيەدە تىنچلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر