ھىندىستاندا تەبىئىي ئاپەت سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 569غا يەتتى
ھىندىستان،نېپال ۋە بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردە مەيدانغا كەلگەن تەبىئىي ئاپەتلىك سەۋەبلىك نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.
![ھىندىستاندا تەبىئىي ئاپەت سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 569غا يەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0413/b95f/6da9/5b60043876eec.jpg?time=1719160054)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا مۇسون يامغۇرلىرى سەۋەب بولغان كەلكۈن ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ھادىسىسى سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 569غا يەتتى.
مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇسون يامغۇرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.
نېپالدىمۇ تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ 455 ئادەم قازا قىلدى.
نېپال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئاپرېلدىن ھازىرغىچە مەيدانغا كەلگەن دالا ئوت ئاپىتى، كەلكۈن، تاغ غۇلاپ چۈشۈش ھادىسىسى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەردە 72 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، 2230مىڭ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تەبىئىي ئاپەتلەردە 3775 ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچراپ،30 مىليون دوللار ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھەر يىلى ئىيۇل-ئۆكتەبىر ئايلىرىدا مۇسون يامغۇلىرى مەيدانغا كېلىدىغان نېپالدا، بۇ مەزگىللەردە يۈزلەرچە ئادەم تەبىئىي ئاپەت سەۋەبلىك قازا قىلىدۇ.
بىرمادا مەيدانغا كەلگەن مۇسون يامغۇرلىرىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10غا يەتتى.
دۆلەتلىك تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقى مەملىكەت مىقىياسىدا 10 كۈندىن بۇيان ئىزچىل يېغىپ كېلىۋاتقان يامغۇر سەۋەبلىك 7 ۋىلايەتتە 95 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇسون يامغۇرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر مەھەل داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئاگاھلاندۇردى.
رايوندا بىر تەرەپتىن تاراقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، بىر تەرەپتىن ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش خىزمەتلىرى دۋاملاشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719160055)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.