ئىران ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى قاسىمى ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1022287
ئىران ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

قاسىمى پايتەخت تېھراندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ئىرانغا دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

قاسىمى: ئامېرىكا ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكىنى داۋاملىق چاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ، بۇنداق سىياسەت قىلىدىغان بىر دۆلەت بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، دېدى.

باياناتچى قاسىمى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىنىڭ ئىران سىرتىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىراننىڭ مەنپەئەتىنى ياقىلاپ ھەرىكەت قىلىشىغا سەۋەب بولۇشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىفنىڭ ئۇممان زىيارىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن مۇخبىرلار قاسىمىدىن، بۇ زىيارەتتىن كېيىن ئۇممان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇسۇف بىن ئالىۋەنىڭ ئامېرىكىغا ماڭغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدى.

قاسىمى «بىن ئالەۋىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن خەۋىرىم  يوق»دەپ جاۋاب قايتۇردى.

ئۇممان  بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولى ئوينىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر