گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ «ئۆزىل» ئېتىراپى دىققەتنى تارتتى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، گېرمانىيە مىللىي كوماندىسىدىن ئايرىلغان گېرمانىيەلىك تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل دەتالاشلىرىنىڭ، دۆلەتتە ئىرقچىلىقنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ناماياندىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1022137
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ «ئۆزىل» ئېتىراپى دىققەتنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، گېرمانىيەدە چىقىدىغان «بىلد» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىلنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان دەتالاشلارنىڭ، گېرمانىيەنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۆزىلنىڭ گېرمانىيە مىللىي كوماندىسىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ كۆچمەنلىك دەتالاشلىرىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققانلىقىنى بىلدۈرگەن مائاس، «يېقىنقى دەتالاشلار ۋە گېرمانىيەدە ياشايدىغان كۆچمەنلەر ۋە يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن ئىرقچى ھۇجۇملار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، گېرمانىيەگە نىسبەتەن نومۇس قىلالىق بىر ئىشتۇر. بۇ دەتالاشلار گېرمانىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگىرىشلەر گېرمانىيەدە ئىرقچىلىقنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۆلىتىمىزدە ياشاۋاتقان كېلىپ چىقىشى چەت ئەللىك كىشىلەر گېرمانىيەدە ئۆزلىرىنى خەۋپ ئاستىدا ھېس قىلماسلىقى كېرەك. شۇڭا ھەممىمىز بىرلىكتە تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇش ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر