پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

پاكىستاندا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىمران خان رەھبەرلىكىدىكى پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى (پاكىستان تەھرىكى ئىنساف) سايلامدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

1019744
پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى – PTV تەرىپىدىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23:00 تىن كېيىن ئېلان قىلىنىشقا باشلانغان غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى 2013 – يىلىدىكى ئاۋاز نىسبىتىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئورۇندۇققا ئىگە بولغان.

2013 – يىلى سايلامدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن پاكىستان مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى قولدىن بېرىپ قويغان ئورۇندۇق سانى 100 گە يېقىنلاشتى.

نەتىجىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن پارتىيەلەر سايلامغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى، گۇمان بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ئۆتتى.

پاكىستان فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى 342 ئورۇندۇقنىڭ 272 سى سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. قالغان پارلامېنت ئەزالىرى ئاياللار ۋە ئاز سانلىقلارغا ئاجرىتىلغان سانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مۇستەقىل ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش ئۈچۈن، كەم دېگەندە 137 ئورۇندۇققا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر