پاكىستان سايلام ھەلەكچىلىكىدە

پاكىستاندا بۈگۈن مەملىكەتلىك ۋە رايونلۇق پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

1018788
پاكىستان سايلام ھەلەكچىلىكىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا 105 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان  مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

پاكىستان مىقىياسىدا سايلىغۇچىلار بۈگۈن سائەت 08:00باشلاپ بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.

پاكىستانلىق سايلىغۇچىلار تار رايونلۇق تۈزۈم ئىجرا قىلىنىۋاتقان پاكىستاندا تۇرۇشلۇق رايونلاردا رىقابەتكە چۈشكەن نامزاتلار ئىچىدىن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.

85مىڭدىن ئارتۇق سايلام ساندۇقىغا بېلەت تاشلايدىغان سايلىغۇچىلار پاكىستاندا 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مەملىكەتلىك ۋە رايونلۇق پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ.

ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىدىغان باش مىنىستىرمۇ مەملىكەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىن سايلىنىدۇ.

رايونلۇق مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن 577، مەملىكەتلىك پارلامېنت ئەزالىقى ئۈچۈن 272 بولۇپ جەمئىي 849 نامزات بۇ قېتىمقى سايلامدا رىقابەتلىشىدۇ.

100دىن ئارتۇق پارتىيە ۋە ئۇيۇشمىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى سايلامغا نامزات بولدى.

بېلەت تاشلاش ئىشلىرى بۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 18:00دا ئاخىرلىشىدۇ.

راي سىناشقا كۆرە،  ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىفنىڭ پارتىيەسى پاكىستان مۇسۇلمانلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ئىمران خاننىڭ پارتىيەسى پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ نامزاتلىرى كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر