ئىران ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا جاۋاب قايتۇرۇپ، «تەسىرلەنمىدۇق، دىققەت قىل» دېدى.

1018061
ئىران ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ترامپنىڭ ئاخىرقى ئۇچۇرلىرىدىن تەسىرلەنمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «تەسىرلەنمىدۇق؛ دۇنيا بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تېخىمۇ ئېغىر جار سېلىشلارغا گۇۋاھ بولدى. ئىرانلىقلار، <تېخىمۇ مەدەنىي ئىنسانلار> دىن 40 يىلدىن بۇيان مۇشۇ خىل جار سېلىشلارنى ئاڭلاپ كەلدى. بىز مىڭلارچە يىلدىن بۇيان مەۋجۇتمىز ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن ئۆز ئېمپىراتورلۇقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئېمپىراتورلۇقلارنىڭ يىمىرىلىشىنى كۆردۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىگە «تەھدىت» سالغان، ترامپمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، رۇھانىنى ئىككىنچى ئامېرىكىغا تەھدىت سالماسلىقى توغرىسىدا قاتتىق «ئاگاھلاندۇرغان» ىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر