ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسەدنىڭ بىر ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ماسياف رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1017446
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسەدنىڭ بىر ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھاماغا جايلاشقان ماسياف رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىسىنى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە تەۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى سانادا بۇ ھەقتە ئورۇن ئالغان خەۋەردە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ماسياف بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئازراق ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە بايانات بەرمىدى.

ماسياف رايونى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەۋى قوراللار سىناق قىلىدىغان بازىلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ.

ئىسرائىلىيە كېيىنكى 3 ئاي ئىچىدە سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس، كۇنەيترا، دەرا ۋە دەمەشقتە ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىرانغا تەۋە ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر