ئالجىرىيەدە ئىككى پەلەستىن پۇقراسىنىڭ تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن جەسىتى تېپىلدى

پەلەستىننىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى ئەھمەد ئەبۇ شاۋىش، ئالجىرىيە دائىرىلىرىنىڭ سۇلايمان ئەل فەررا ۋە مۇھەممەد ئەل باننا ئىسىملىك ئىككى نەپەر پەلەستىن پۇقراسىنىڭ بىر ئۆيدە جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئېيتتى.

1017356
ئالجىرىيەدە ئىككى پەلەستىن پۇقراسىنىڭ تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەبۇ شاۋىش جەسىتى تېپىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەلىك ئىكەنلىكىنى ۋە جەسىتىدە تاياق ئىزى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۆلۈك ھالەتتە بايقالغان فەررانىڭ ئېنىسى ئۆمەر فەررا ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم ئاكىسى بىلەن 2 كۈن ئىلگىرى كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئالجىرىيە دائىرىلىرى ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى گازدىن زەھەرلىنىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سۇلايمان ئەل فەررانىڭ 7 يىلدىن بۇيان ئالجىرىيەدە ياشاۋاتقان ۋە سىياسەت فاكۇلتېتىدا باكلاۋېرلىق ئوقۇشى بىلەن بىرگە سودا ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مۇھەممەد ئەل باننانىڭ ئۇكىسى ۋائىل ئەل بەننا بولسا، ئاكىسىنىڭ ئالجىرىيەنىڭ ۋاھران شەھىرىدە تىببىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، جۈمە كۈنى دېپلومىسىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئالجىرىيەگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

شەنبە كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ، بەننا بىلەن فەررادىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋائىل، كېيىن ئالجىرىيە دائىرىلىرىنىڭ ۋاپات خەۋىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

فەتىھ ھەرىكىتىنىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى يازما باياناتىدا، فەررانىڭ 33 ياشتا ئىكەنلىكىنى ۋە ئالجىرىيەدىكى پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ «گازدىن زەھەرلىنىش» دېيىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىننىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇئەي ئىسا ۋەقەدە ئاخاراتلاردا چىققان «سۇيىقەستكە ئۇچرىدى» دېگەن خەۋەرلەر ئۈستىدە توختالدى.  

لۇئەي ئىسا ئالجىرىيەنىڭ سۇنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىش بېرىدىغان بىر قانىلىغا بايانات بېرىپ، «ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ۋە بارلىق پۇقرالىرىدىن بۇ تارقالغان سۆزلەر ھەققىدە كەچۈرۈم سورايمەن» دېدى.

ئاخباراتلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن باش ئەلچى لۇئەي ئىسا، «ئۆلۈمىنىڭ گازدىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن بولغانلىقى ئېغىر سالماقتا تۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ئاخىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر