«خان ئەل ئەخمەر ئاھالىسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى سىمۋوللۇقتۇر»

پەلەستىن دۆلەت مىنىستىرى ئابباس خان ئەل ئەخمەر ئاھالىسىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ پەلەستىن كۈرىشىنىڭ بىرقىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1016855
«خان ئەل ئەخمەر ئاھالىسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى سىمۋوللۇقتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ئابباس خان ئەل ئەخمەر ئاھالىسىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ، پۈتكۈل پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈرىشىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسلىك ئىشخانىسىدا خان ئەل ئەخمەرنىڭ جامائەت ئەربابلىرىنى قوبۇل قىلغان مەھمۇد ئابباس، رايون خەلقىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى قەھرىمانلارچە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ قوشنىسى بولغان خان ئەل-ئەخمەر رايونىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان ئابباس: خان ئەل-ئەخمەرنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەش، بارلىق پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي لايىھەلەر ۋە قۇددۇس بولۇپ بارلىق مۇقەددەس جايلارنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ سىمۋولىدۇر، دېدى.

ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ يىل مايدا خان ئەل-ئەخمەر رايونىدا تەخمىنەن 190 پەلەستىنلىك ياشاۋاتقان ئۆيلەر بىلەن رايوندىكى باشقا جايلاردىن كەلگەن 170 ئوقۇغۇچى تەلىم ئېلىۋاتقان مەكتەپنىڭ چېقىلىشىنى قارار قىلغانىدى.

سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدىن كېيىن ئىيۇلنىڭ بېشىدا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا رايونغا كەلگەن شەھەر-قۇرۇلۇش خادىملىرى پەلەستىننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلار بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى.

ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقى ھەمدە پەلەستىن خەلقىنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مەقسىتىگە يېتەلمىدى.

ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى رايون خەلقىنىڭ ئەرزىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، خان ئەل-ئەخمەردىكى ئۆيلەرنى چۇۋۇشنى ئاۋغۇستقا كېچىكتۈردى.

خان ئەل-ئەخمەر ئىسرائىلىيەدىن 1953-يىلى نەجەف چۆلى رايونىدىن مەجبۇربىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن چۆل ئەرەبلىرىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر