پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ تېلېفوندا كۆشۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1016357
پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نېتانياھۇ 11 – ئىيۇلدا موسكۋادا پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئىراننىڭ سۈرىيە كىرىزىسىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى ئەيىبلىگەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 17 – ئىيۇلدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيەدىن بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۈچ تەرەپ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر