بېلۇچىستاندا موتوسىكلىت بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ غەربىدىكى بېلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق چامان رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەتراپتىكى بىنالار بىلەن ئاپتوموبىللار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

1016309
بېلۇچىستاندا موتوسىكلىت بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىغا تەۋە بىر ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان پەيتتە، موتوسىكلىت بومبىنىڭ پارتىلىتىلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 5 كىشى يارىدار بولغان.

پاكىستاننىڭ غەربىدىكى بېلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق چامان رايونىدا، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ئۆتۈۋاتقان پەيتتە، يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇلغان موتوسىكلىت بومبا ئۇزاقتىن تىزگىنەك بىلەن پارتىلىتىلدى.

پارتلاشتا ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللار ۋە بىنالار زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، دەسلەپكى مەلۇماتلاردا بىلدۈرلىشىچە، 5 كىشى يارىدار بولغان.

ساقچىلار ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن رايون كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىندى. يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا يوللاندى.

ساقچى دائىرىلىرى ھۇجۇمنىڭ ئىيۇل ئېيىدا يۈز بەرگەن باشقا ھۇجۇملارغا ئوخشاش سىياىسي پارتىيە يىغىلىشلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر