ئامېرىكا ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەت ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ.
1015653
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەيئەتنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تېررورىزم ۋە پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مارشال بىللىسلېئا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىدا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.