ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ۋە تىنچ ئوكيانغا ئەسكەر يوللىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، Essex Amfibi تەييارلىق گۇرۇپپىسى پاراخوتلىرىنى تىك يۆنىلىشلىك قوزغىلىپ – قونۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە F-35B تىپىلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھەمرالىقىدا ئوتتۇرا شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونىغا ئەۋەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، ئۈچ پاراخوتتىن تەشكىل تاپقان Essex Amfibi پاراخوتلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 5 – فىلو سېپىدە 6 ئاي؛ تىنچ ئوكيان رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 7 – فىلو سېپىدە 6 ئاي ۋەزىپە ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە سانتىياگودىن يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئالاقىدار ئەمەلدارلار، مەزكۇر پاراخوتلارغا دېڭىز ئارمىيەسى 13 – سەپەر بىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تىك يۆنىلىشلىك قوزغىلىپ – قونۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە F-35B تىپىلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھەمراھ بولۇۋاتقانلىقىنى، پاراخوتلاردا 5 مىڭ ئەسكەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
F-35B نىڭ ئامېرىكا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرققە يوللانغان پاراخوتلارغا ھەمراھ بولۇپ مېڭىشى، بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم بىر ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئانالىزلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا سەۋەب بولدى.