ترامپ، رۇسىيەنىڭ سايلامغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، رۇسىيەنىڭ 2016 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ سايلامنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1014323
ترامپ، رۇسىيەنىڭ سايلامغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى ھېلسىنكىدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن دۆلىتىدە ئېغىر تەنقىدلەشلەرگە ئۇچرىغان ترامپ، بۇرۇنقى سۆزلىرىدىن يالتايدى؛ ئۇ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ سايلاملارغا مۇداخىلە قىلغانلىقىغا دائىر يەكۈنلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما ئۇ، «رۇسىيەنىڭ سايلامغا قىلغان مۇداخىلىسىنىڭ 2016 – يىلى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى» قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ سايلامغا مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدا قاراشلىرىنى خاتا ئىزاھلىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «رۇسىيەنىڭ مۇداخىلە قىلماسلىقى ئۈچۈن بىر سەۋەب بار، دەپ قارىمايمەن» دېدى.

ترامپ، «بىر روشەنلەشتۈرۈۋېتىشكە ئېھتىياج بار، دەپ قارىدىم. باياناتىمدىكى ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جۈملەمدە <نېمىشقا قىلمىسۇن> دېيىشنىڭ ئورنىغا <نېمىشقا قىلسۇن> دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتىم. جۈملە، <رۇسىيە نېمىشقا مۇداخىلە قىلمىسۇن> بولۇشى كېرەك ئىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى ھېلسىنكىدا پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پۇتىننىڭ بۇ ھەقتىكى دەۋالارنى ناھايىتى كۈچلۈك شەكىلدە رەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئىنتايىن قايىل بولغانلىقىنى، سايلاملارغا رۇسىيەنىڭ مۇداخىلە قىلىشى ئۈچۈن بىر بىرەر بار، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر