پەسىل يامغۇرى 511 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھىندىستاندا ئۆتكەن ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەسىل يامغۇرلىرى پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 511 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1014466
پەسىل يامغۇرى 511 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مەركىزىي سۇ كومىتېتى بايانات بېرىپ، 1 – ئىيۇندا باشلانغان پەسىل يامغۇرلىرىدا ھازىرغىچە 511 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 176 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەركىزىي سۇ كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 91 رايونغا تەسىركۆرسەتكەن سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 55 مىڭ ئۆي – ماكان زىيانغا ئۇچرىغان، 1 مىليوندىن ئارتۇق مال – چارۋا تالاپەتكە ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ھىندىستاندا يېقىنقى 64 يىلنىڭ ئەڭ شىددەتلىك پەسىل يامغۇرلىرى ياغقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر