ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشى تۈزۈلگەن تۇرۇغلۇق، مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيە غەززەنى 4 – قېتىم بومباردىمان قىلدى.

1013120
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 نەپەر پەلەستىن پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى بەيت ھانۇن رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە چېگراسىغا يېقىن رايونغا قىلىنغان بومباردىماندا، 2 پەلەستىن پۇقراسى يېنىك يارىدار بولدى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشى تۈزۈلگەن تۇرۇغلۇق، مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيە غەززەنى 4قېتىم بومباردىمان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، غەززەدىن چېگراغا يېقىن يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىغا راكىتامىيۇت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈنۈگۈن غەززەدىكى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىددىن ئەل قەسسام ئەترىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 40 قا يېقىن نىشاننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر