ئەسەد بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك كېلىشتى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سۇ ئامبىرى مەسىلىسىدە كېلىشتى.

1013377
ئەسەد بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ئىككى چوڭ سۇ ئامبىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

رەققادىكى ئىشەنچىلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پ ك ك – پ ي د بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى بىر ئاي مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئامبارلىرىدىن بولغان تابقا ۋە فىرات دەرياسىدىكى تىشرىننىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشكەن.

كېلىشىمدە ئەسەدنىڭ ئادەملىرىنىڭ بۇ سۇ ئامبارلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بولسا بۇنىڭ بەدىلىگە پ ك ك –پ ي د ئىشغالىيىتىدىكى رايونلارنى توك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى پ ك ك –پ ي د بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىراق چېگراسىدىكى دەيرىزوردا پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاسىتىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە.

بۇ دائىرىدە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ رۇسىيەلىك مۇتەخەسىسلەرمۇ بولغان ئەسەد ھەيئىتى سۈرىيە بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولغان ئەل ئۆمەر بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدى.

پ ك ك – پ ي د بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ يىل 2-ئىيۇندا ئەل ئۆمەر نېفىت بازىسىدىن چىقىرىلغان نېفىتنى باشقا مەھسۇلاتلار بىلەن ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن پ ك ك – پ ي د تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى سۈرىيەدە پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ھاسەكى ۋىلايىتىدىكى نېفىت بازىلىرىدىن چىقىرىلغان نېفىتنىڭ كىرىملىرىنى تەڭ بۆلۈشۈشنى قارار قىلىشقانىدى.

ئامېرىكا يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د سۈرىيەدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ تەخمىنەن %70نى چاڭگىلىدا تۇتماقتا.

سۈرىيە زېمىنلىرىنىڭ تۆتتە بىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان پ ك ك – پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى قوللىشى ئارقىسىدا سۈرىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈچ سۇ ئامبىرىنى تارتىۋالدى، سۈرىيەنىڭ توك ۋە سۇ ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمى فىرات دەرياسىدىكى بۇ سۇ ئامبارلىرىدىن تەمىنلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر