ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى پىرېزىدېنتى بولۇپ تاللاندى

ئامېرىكىدىكى Pew Research Center ناملىق بىر تەتقىقات ئورگىنى ئېلىپ بارغان ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى پىرېزىدېنتىنىڭ باراك ئومابا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1011141
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى پىرېزىدېنتى بولۇپ تاللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋاز قاتناشتۇرغان ئامېرىكىلىقلار، سابىق پىرېزىدېنت ئوبامانى خىزمىتىنى ئەڭ ياخشى قىلغان پىرېزىدېنت، دەپ قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ %44 ى ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىك ھەر ئىككى مىللەتكە خىزمەت قىلغان ئوبامانىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى پىرېزىدېنت، دەپ ھېسابلايدىكەن.

Pew Research Center ناملىق مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئەلرايى نەتىجىسىدە، بىل كلىنتون %33 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى؛ رونالد رېگان %32 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.

5 – ئىيۇندىن 12 – ئىيۇنغىچە بولغان بىر ھەپتە بويىچە ئۆي – ئىشخانا ۋە يانفون ئارقىلىق 2 مىڭدىن ئادەم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ئېلىنغان ئەلرايى كۆرسەتكۈچىدە، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىن ئورۇن ئالدى.

كۆرسىتىلىشىچە، دونالد ترامپ، ئەڭ قۇتۇبلاشتۇرغۇچى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دەپ قارىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر