ھىندىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە 66 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1010193
ھىندىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ بومباي  شەھىرى ۋە ئەتراپىدا بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ياغقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل سەۋەبىدىن 10 كۈن ئىچىدە 66 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان،  بومباي شەھىرىدە 108 ئايروپىلان ۋە كۆپلىگەن پويىز سەپەرلىرى بىكار قىلىنغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستاندا ئىيۇن ئېيىدا باشلانغان پەسىللىك يامغۇر ئىيۇل ئېيى ئېتىبارى بىلەن ھەرقايسى رايونلارغا تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

بۇلتۇر پەسىللىك يامغۇر مەزگىلىنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر