گىرېتسىيە رۇس دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

گىرېتسىيە، 2 رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى، يەنە 2 رۇس دىپلوماتنىڭ گىرېتسىيەگە كىرىشىنى مەنئى قىلدى.

1010344
گىرېتسىيە رۇس دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «كاتىمېرىنى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتىنا (ئافىنا) نىڭ دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلىشىغا مەزكۇر دىپلوماتلارنىڭ گىرېتسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ماھىيىتىدە ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغانلىقى دەۋاسى سەۋەب بولغان.

خەۋەردە، «ئاتىنانىڭ دىپلوماتلارغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى ئارىسىدا ئۇچۇر توپلاش ۋە تارقىتىش، دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىش قاتارلىقلار بار» دېيىلدى.

قارارنىڭ رۇسىيەنىڭ گىرېتسىيەدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىش تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە، گىرېتسىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ دوسلۇقىغا ھەسسە قوشۇش، ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق بىلەن دۆلەتلەردىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ بىر – بىرلىرى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقى؛ بىراق، بۇنىڭ بىر - بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىگە ھۆرمەت قىلىش سايىسىدا روياپقا چىقىدىغانلىقى قارىشىنى ياقلايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

خەۋەردە، ئاتىنانىڭ ھەردائىم، خۇسۇسەن ئەنگلىيەدە سابىق رۇس جاسۇس سېرگېي سىكرىپال ۋە قىزىنىڭ زەھەرلىنىشى ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش رۇس دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە ئورۇن ئالغان يەنە بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە بالقان دۆلەتلىرىدە ماكېدونىيەنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدەك بەزى سەزگۈر مىللىي مەسىلىلەرگە ۋە گىرېتسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە مۇداخىلە قىلىشقا ئۇرۇنغان.

«دىپلوماتىك مەنبەلەر ئاتىنانىڭ قارارىنىڭ رۇسىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەمەس، پۈتۈنلەي مەزكۇر تۆت كىشىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن خەۋەردە، يەنە بىر مەنبەنىڭ، رۇسىيە ئىنكاس قايتۇرغان تەقدىردە، ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر