تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1008068
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن  ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سومالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پايتەخت مۇقدىشودا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ يارىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سومالىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قاتتىق ئەيىبلەنگەن باياناتتا، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە ۋە يارىلانغانلارغا شىپا تىلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ۋە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىدە سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئاداققىچە قوللايدۇ.»

سومالىدا تۈنۈگۈن ئەش-شەباب تېررورچىلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە فېدراتىپ ئىشلار ئىدارىسىغا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 10 ئادەم ئۆلۈپ 20 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر